خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادانى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئايالىنى تۇتۇپ كەتكەن
2010.12.04
خادانىڭ ئوغلى ۋېي لېسى نىڭ شەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى 10 دەك خىتاي ساقچىسى كىتابخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھېسابات دەپتىرى ۋە كومپيۇتېرنى مۇسادىرە قىلغان ۋە خادانىڭ ئايالى شىنانىمۇ تۇتۇپ كەتكەن.
ئىچكى موڭغۇللۇق پائالىيەتچى خادا موڭغۇل ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئۇ جەنۇبى موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان.
خادا 1996- يىلى، بۆلگۈنچىلىك ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
خادا تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان، خادانىڭ ئايالى شىنا يولدىشىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇ، تۈرمىدە يولۇقۇۋاتقان مۇئامىلىلەر ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا كۆپ قېتىم مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھەرىكەتنى ئىچكى موڭغۇل پايتەختى خۇخوت شەھىرى سەيخەن رايونلۇق ساقچىخانا ئېلىپ بارغان بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىشنى رەت قىلغان