ناتو قىسىملىرى لىۋىيە پايتەختى ترىپولىغا ھاۋادىن قايتا ھۇجۇم قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ترىپولىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ناتو قىسىملىرى بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا يەنە بىر قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.06.22

ھۇجۇم نەتىجىسىدە ترىپولىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم بومباردىمان ئاۋازى ياڭرىغان؛ ئەمما بومباردىماننىڭ قانداق نەتىجە پەيدا قىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ناتو قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتىمۇ ترىپولىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. كازافىي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا پۇقرالار ئولتۇراق رايونى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 15 نەپەر پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ناتو قوماندانلىق شتابى بولسا، كازافىينىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى قىلىپ پايدىلانغانلىقىنى، شۇڭا پۇقرالار ئۆلگەن بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ كازافىي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە لىۋىيىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى رايونلار ئاساسەن ئىسيانچىلارنىڭ قولىدا، غەربى قىسمىدىكى مىسراتا قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم پورت شەھەرلىرىمۇ ئىسيانچىلارنىڭ كونتروللۇقىدا.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، كازافىي قوشۇنى راكېتا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق، مىسراتا شەھىرىدىكى ئىسيانچى قوشۇننىڭ ترىپولىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئالدىنى توسماقتا. لىۋىيىدە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ناتو قىسىملىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلماقتا.

ناتو قىسىملىرىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ھۇجۇم قېتىم سانى ۋە سالمىقىدىن قارىغاندا، پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ھۇجۇملىرىنى ئىسيانچى قوشۇن پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان چاغلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.