ئوباما ناتونىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچۇرۇشىشىغا قاتناشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لوندوندا ئېچىلغان 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرۇشىشىدىن كېيىنلا، فرانسىيىنىڭ ستراسبورگ شەھىرىگە بېرىپ ، ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىسى تەشكلاتى (ناتو) دۆلەتلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىغا قاتناشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ چوڭ ئۇچرۇشۇش، گەرچە گېرمانىيە بىلەن فرانسىيىدە زور قارشىلىق نامايىشلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ناتونىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتتى. يىغىندا باراك ئوباما پاكىستاندىكى ئەل - قائىدىچىلەرنىڭ تەھدىتىنى تەكىتلىدى.

بۇ چوڭ ئۇچرۇشۇشتا ئاۋغانىستان ستېراتېگىيىسى ئاساسى تېما قىلىندى. ئەمما يىغىندا، ناتونىڭ باش كاتىبلىقىغا كۆرسۈتۈلگەن نامزاتلار ئۈستىدە تېخىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولمىدى.

خەۋەرلەردە تەسۋىرلىنىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىسىترى ئانگىلا ماركېل قاتارلىق 28 ناتو دۆلىتى باشلىقلىرى بىلەن فرانسىيىە پرېزىدېنتى ساركوزى، ئىككى تەرەپتىن بىر نىشانغا قاراپ كېلىپ، مەشھۇر رېيىن دەرياسىنىڭ كۆرۈكىدە ئۇچراشقانلىقى، بۇ چوڭ ئۇچرۇشۇشتىكى ئىنتايىن ھاياجانلىق كۆرۈنۈش بولۇپ قالدى.

ساركوزى بۇ مۇراسىمدا ، فرانسىيە بىلەن ناتونىڭ مۇناسىۋىتى 40 يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئەمدى رەسمى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ناتونىڭ يېڭى ئەزالىرىدىن ئالبانىيە، خروۋاتىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىمۇ بۇ مۇراسىمغا كەلدى.