ئۆتكەن ھەپتە رويتېرىس ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسىدىن مەزكۇر جازالار ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. خىتاي باياناتچى بۇ جازالاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈنۈگۈن كامبودژادا چىقىدىغان پومپەن پوچتىسى گېزىتى خىتاي ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىغا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئېلخەت يوللاپ مەزكۇر ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
ئامېرىكىنىڭ كامبودژادىكى ئەلچىخانىسى جازالار ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما خەۋەرلەرنىڭ تېخى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى بولسا، مەزكۇر ئەھۋاللارنى تېخى سۈرۈشتە قىلىپ قىلىپ كۆرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بەرگەن جاۋابىدا مەزكۇر جازالارنى قەبىھ بىر زورۋانلىق دەپ تەنقىد قىلغان.
خىتاينىڭ بۇ قېتىم جازا ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئالدىراپ رەت قىلماسلىقى، خەلقئارا جامائەتنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قارىتا دىققەت-ئېتىبارلىرىنى كۈچەيتمەكتە.