قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ياۋروپانى نىشان، رۇسىيىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق دەپ كۆرسەتتى
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرى بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ ياۋروپا سەپىرىدە رۇسىيىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە رۇسىيىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ھېلىمۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ يېقىن كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئورتاقلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، خىتاي، رۇسيە ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى، رايوندا ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك ئىگىلەشكە تىرىشىپ كەلگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئوتۇنبايېۋانىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىدا، ياۋروپانى ئۆلگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسەتتە، خىتايغا ئەگىشىپ كەتمەسلىك ئېھتىماللىقىدىن بىر ئىشارەت دەپ قارالماقتا.