رابىيە خانىم : ئۆلۈم جازاسى ئۇيغۇرلاردىكى ئىنتىقام تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.13
2009.10.13
رابىيە خانىم، 6 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بۇ كۈننى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن، مۇسىبەتلىك بىر كۈن دەپ ئاتىغان.
خىتاي 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي باشلىغان ۋە تۇنجى تۈركۈمدە، ئالدىنقى كۈنى 6 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. بۇلار ئابدۇكېرىم ئابدۇۇۋايىت، غېنى يۈسۈپ، ئابدۇللاھ مەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر ۋە ئالىم مەتيۈسۈپ قاتارلىقلار بولۇپ، خىتاي سوتى بۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى قان تۆكۈلۈشكە خىتاينىڭ 60 يىللىق خاتا سىياسىتىنىڭ ۋە شۇ كۈنكى قاتتىق قول باستۈرۇشىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا مەيدانىدىن باشقا تۈرمىلەردىمۇ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.