خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى چەكلەشنى كۈچەيتمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.08
2008.09.08
نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتىدە 8 - سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزانغا قارىتا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۆز دائىرىسىدىكى مەسچىتلەرنى رامىزان مەزگىلىدە ھەپتىدە ئىككى ۋاق تەكشۈرىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە رادىئومىز بۇ ھەقتە بىر تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلغان بولۇپ، بىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان مەزگىلىدە، مۇسۇلمان ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى بىردەك چەكلەنگەندىن سىرت، بەزى جايلاردا مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىنىڭمۇ رامىزان ۋاقتىدا تاقاپ قويۇش چەكلەنگەن.
نيۇ - يورك ۋات گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان بۇ خىل چەكلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ رامىزاندىن كېيىن ئازراق بوشىتىلىشى ۋە ياكى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.