بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، رامىزان ئېيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسى بېسىم ئەڭ كۈچەيتىلگەن ۋاقىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا رامىزان مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئەھۋالى ھەققىدىكى بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردە، رامىزان ئېيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسى بېسىم ئەڭ كۈچەيتىلگەن ۋاقىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رادىئومىزمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلى خەۋەرلەرنى ئىگىلەپ خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن بۇ خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشايدىغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدۇر.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئاپتور مەزكۇر تەپسىلى خەۋەرنى يېزىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچار، قەشقەر، يەكەن قاتارلىق ۋىلايەت ناھىيىلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن مۇڭداشقان.

كۇچادىكى بىر خىتاي شوپۇر مۇخبىرى بىلەن مۇڭدىشىش جەريانىدا: "يىپەك يولىدىكى بۇ گۈزەل شەھەرنى تاغلار ۋە چۆللەر ئوراپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ شەھەردە ئۇيغۇرلار بەك كۆپ بولۇپ، مانا بۇ، بۇ يەردىكى بىردىن - بىر مەسىلە،" دېگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنى " قالاق ۋە تەربىيە كۆرمىگەن،" دەپ سۈرەتلىگەن.

ھالبۇكى، خىتايلار ھەققىدە توختالغان يەركەنلىك سودىگەر مەمەتتۇرسۇن بولسا، ئۆزىنىڭ خىتايلارنى پەس كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: "ئۇلار ھازىر ماركىسىزم ياكى كوممۇنىزمغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار پەقەت پۇلغىلا چوقۇنىدۇ. پۇل ئۇلارنىڭ خۇداسى" دېگەن. قەشقەرلىك ئۇيغۇر سودىگەر خىتاينىڭ يول ۋە كۆۋرۈكلەرنى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي يۆتكەش ئۈچۈنلا ياساۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ نەدە بېسىم كۆپ بولسا شۇ يەردە مەسىلىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتور مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى خادىملىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالغان.