خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ھازىر خىتايدا پەيدا بولغان ساختا پۇللارنىڭ بېسىلىش تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى، پۇل يۈزىدىكى سىزىقلار ۋە بېسىلغاندا بېرىلگەن بوياقلارنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەس. ئەمما يەنىلا راست پۇلدىن پەرقلىنىدىغان يېرى بار. ئەڭ مۇھىم بەلگىسى، پەقەت ساختا پۇلدىكى ماۋ زېدوڭنىڭ رەسىمىدە ئازراق پەرق بار.
ساختا پۇللاردا ماۋنىڭ سول قېشى بىلەن سول كۆزىنىڭ ئارىلىقىدىكى بوشلۇق راست پۇلدىكىدىن تۇتۇق. ساختا پۇللارغا بېرىلگەن بوياقلارنىڭ قېنىق ۋە يورۇقلۇقىدىنمۇ راست پۇلدىكىدىن ئاز-تولا پەرق بار. بۇنداق ساختا پۇللارنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ھازىر تېز كېڭىيىۋاتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۇئاڭدوڭنىڭ فوسەن شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ساختا تارقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرغاندىن باشقا، خىتاي دائىرىلىرى تېخىچە بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلىمىدى.