شەندوڭ ئۆلكىسى قەشقەرگە ھەر يىلى 70 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەۋەتمەكچى

خىتايدا چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەندوڭ ئۆلكىسى ھەر يىلى 70 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ "شىنجاڭغا تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش" قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شەندوڭ ئۆلكىلىك ياشلار ئىتتىپاقى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن "قولمۇ -قول تۇتۇشۇش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ۋە شۇنداقلا ھەر يىلى 70 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قەشقەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، شەندوڭنىڭ قەشقەرگە تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى 2020-يىلىغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، قەشقەرگە ئەۋەتىلىدىغان بۇ 70 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قەشقەرنىڭ يېڭىسار، يوپۇرغا ۋە مەكىت قاتارلىق ناھىيىلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلىرىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە ياردەم بېرىشكە بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. ئىگىلىنىشىچە شەندوڭ ئۆلكىسى يەنە قەشقەر بىلەن "قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ"، قەشقەرگە 30 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدىكەن. بۇ ئوقۇتقۇچىلار يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، يېتەكلەش خىزمەتلىرىنى قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىق خادىم يۆتكەش نامى ئاستىدا داۋاملىق تۈردە ئادەم يۆتكىمەكتە. ئەمما ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دەپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە.