رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى قارشىلىقى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

سۈرىيىدىكى ھۇلا ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا جامائەتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنىڭ ئېشىشىغا قارىماي، بۇ ئىككى دۆلەت يەنىلا سۈرىيىگە تېخىمۇ قاتتىق جازا تەدبىرى قويۇش ھەققىدىكى تەلەپلەرگە قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.05.31

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا كوفى ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتنى قوللانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ ھۇلا يېزىسىدا قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن رۇسىيە بايانات بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون «رۇسىيە بۇ پوزىتسىيىسى ئارقىلىق سۈرىيىنى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا سۆرەپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

ئەرەب بىرلىكى بولسا خىتاينى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.