بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا كوفى ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتنى قوللانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ ھۇلا يېزىسىدا قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن رۇسىيە بايانات بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون «رۇسىيە بۇ پوزىتسىيىسى ئارقىلىق سۈرىيىنى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا سۆرەپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
ئەرەب بىرلىكى بولسا خىتاينى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.