خىتاي ئامېرىكىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش چاقىرىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دائىر تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.06

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى مارك تونېر، تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1989‏-يىلىدىكى نامايىشقا قاتنىشىپ ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئۇ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرگە دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لېي خۇڭ ئالدىنقى كۈنى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىنى «جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئاساسسىز تەنقىد» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەقەدە پەرزەنتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم تۆلەشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى، بىراق ئۇلارنىڭ ئەرز‏-شىكايەتتىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

لېي خۇڭ باياناتىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان شۇنداقلا ئۇ يەنە، «بىز ئامېرىكا تەرەپنى سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا خىلاپ خاتا ھەرىكەتلەردە بولۇشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز» دېگەن.

شۇ كۈنى يەنە تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ «بىز جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشىنى جىددىي ئۈمىد قىلىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.