'تەيۋەن ئامېرىكىدىن ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى خالايدۇ'

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۈگۈن " تەيۋەن ھېلىھەم ئامېرىكىدىن ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى خالايدۇ " دېدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما يىڭجۇ بىر چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سودىنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى تۈپەيلى ئامېرىكا تەرىپىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما تەيۋەننىڭ داۋاملىق ھالدا ئامېرىكىدىن قورال - ياراق سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-10-29
Share

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ يەنە:" بىز ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى سېتىۋالماقچى. ئەمما ئامېرىكا تەرەپتىن بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزگە قارىتا تېخى رەسمىي بىر جاۋاب كەلمىدى" دېگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ قارشىلىقى دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەندە ھازىر ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلانلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ف - 16 كۈرەشچى ئايرۇپىلانىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولغىنىنى سېتىۋېلىشنى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھەربىي قوراللارغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ ئۆتكەن ھەپتە بايانات بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋېتىشكە چاقىرغان، ئەكسىچە بولغاندا خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ما يىڭجۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنى قوغداش ئۇچۇن ئامېرىكىدىن يەنە كۆپلەپ قورال سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت