«تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» لىدېرلىرىدىن بىرى ۋاڭدەن دېموكراتىيە تور دەرسخانىسى تەسىس قىلدى

89-يىلدىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» لىدېرلىرىدىن بىرى ۋاڭدەن شەنبە كۈنى تەيۋەندە دېموكراتىيە تور دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، خىتاي ياشلىرىغا دېموكراتىيە چۈشەنچىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ خىتايدا دۆلەت بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنگە توغرا كەلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.10.01

ەكتەپنىڭ نامى «دېموكراتىيىنىڭ يېڭى مەكتىپى» بولۇپ، بۇ تور مەركتىۋى داڭدار ئاكادېمىكلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابۇنىلىرىغا دېموكراتىيە چۈشەنچىسىنى تارقىتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

مەكتەپ ئۆز بېكىتىدە: خىتاي كوممۇنىستلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلماقتا، دەپ بايانت ئېلان قىلغان.

ۋاڭدەن تەيۋەندىن چىقىدىغان كەچلىك گېزىتىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ: خىتاي دېموكراتىيىسىنىڭ سىزگە نېمە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى سورىماي؛ سىزنىڭ خىتاي دېموكراتىيىسى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى سوراڭ، دەپ جاۋاب بەرگەن.

ۋاڭدەن 89-يېدىكى ئوقۇغۇچلار ھەرىكىتى بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ۋە بىر نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن ئامېرىكىغا چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.