تۈركمەنىستان بىلەن پاكىستان پرېزىدېنتى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇش ھەققىدە سۆزلەشتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھامەدوف بىلەن پاكىستان پرېزىدېنتى يۈسۈپ ئەلى زەردارى بۈگۈن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئاشخاباتتىن ئىسلامئابادقا تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ھەققىدە، كېلەر دۈشەنبە كۈنى كابۇلدا ئالىي دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشىم تۈزۈشكە كېلىشتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2002 ‏ - يىلى بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركمەنىستاندىن ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستانغا ۋە ھىندىستانغا ھەر يىلى 30 مىليون كۇبىك تەبىئىي گاز ئۆتكۈزىدىغان بىر مىڭ يەتتە يۈز كىلومېتىرلىق تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇشقا كېلىشكەندە، تالىبانلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ئىدى. پەرەز قىلىنىشىچە، يىل ئاخىرىغىچە بۇ ھەقتە كېلىشىم ئىمزالىنىپ بولۇشى مۇمكىن.