خىتاي دائىرىلىرى ياش ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا 18 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەتكەن

خىتاي كومپارتىيىسى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زاتنى 18 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.12.06


بۇ سىياسى ئۆگىنىش كۇرسىنى خىتاي كومپارتىيىسى ياشلار ئىتتىپاقى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. فۇجيەن ئۆلكىسىگە ئېلىپ بېرىلغان 30 ئۇيغۇر دىنىي زات بىر ھەپتە بويىچە 18 - قۇرۇلتاي روھى ھەققىدە چۈشەنچە، پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ياقتىن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالسا، يەنە بىر ياقتىن دىنىي زاتلارنى پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان «ۋەتەنپەرۋەر» دىنى زاتلاردىن بولۇشقا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 30 نەپەر ياش ئۇيغۇر دىنىي زاتنى بۇنداق كۇرسقا ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. چۈنكى، خىتاي ياشلىرى گېزىتىدە چىققان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ياشلارغا «پارتىيىنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىق، ۋەتەننى سۆيۈش، كوممۇنىزم يولىدىن تەۋرەنمەسلىك، شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشىشىگە تۆھپە قوشۇش» تەربىيىسى بېرىلگەن ۋە ئۇلاردىن ۋەدە ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىننى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ۋە دىنىي زاتلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتچىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئىشلار كومىتېتىمۇ خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.