غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلىكى تاماملاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.30
2008.12.30
1008 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى، پىلاندىن ئالتە كۈن بۇرۇن پۈتكەن بولۇپ،لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99 تىن يۇقىرى ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىغا 400 دىن ئارتۇق ئىشچى قاتناشتۇرۇلغان. گەرچە مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئىشچىلارنىڭ قانچىلىك نىسبىتىنى يەرلىك خەلق ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما 2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مۇشۇ گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ قورغاس تەۋەسىدىكى ئىش ئورنىدا قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ 20 ئىشچى قاپسىلىپ قالغان.
ئۇلارنىڭ بىرى قۇتقۇزۇلۇپ، بىرى ئۆلگەن، قالغانلىرى يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر خەۋەردىن بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن توختاملىق ئىشچىلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتاي نېفىتلىك گۇرۇھى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2 - لىنىيىسىدىكى زاپاس گاز مەنبە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. مەزكۇر گاز تۇرۇبا ئىككىنچى لىنىيىسىنى بۇ يىل سېنتەبىردە پۈتۈنلەي پۈتتۈرۈش پىلانلانغان. مەزكۇر لىنىيە يېڭى ئېچىلىشقا باشلىغان جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى تەبىئىي گاز بايلىقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىنىڭ ئاساسلىق لىنىيىسى. بۇ لىنىيە ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنى " چوڭ نېفىت رايونى" دىن " چوڭ نېفىت - گاز رايونى" غا ئايلاندۇرماقچى.
ھازىرغىچە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز زاپىسى 100 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشىدۇ.