سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىنى يەنە ئېغىزغا ئالمىدى

ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن ئەزالىرىدىن سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.28

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يىغىندا 10 نەپەر ۋەكىل پىكىر بايان قىلغان؛ پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن بىر نەپىرىلا ئۇيغۇر؛ يەنە خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئاساسلىقى خىتايلار مەركەزلىك ھالدا ئورۇن ئىگىلىگەن ساھەلەردىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋە ئەمەلىي مەسىلىلىرى ھەققىدە يەنە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلەرنى ئەمەس، ئايرىم مەسىلىلەرنى، رېئال مەسىلىلەرنى ئەمەس، سۈنئىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىگە قويۇپ، ئۆزىنىمۇ ۋە رايون خەلقىنىمۇ ئالداۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دىلشات رىشىت سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ھوقۇقى ۋە ئۆز زېمىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت ئىقتىسادى ھوقۇقى مۇزاكىرىگە قويۇلمىغان ھەرقانداق بىر يىغىننىڭ، رايوننىڭ يېقىن ۋە كەلگۈسى مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.