خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا تىزگىنەك ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇق تىك ئۇچار سېتىشنى چەكلىدى

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 18‏-قۇرۇلتاي يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تىزگىنەك ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان تىك ئۇچار قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى سېتىشنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.31

دائىرىلەر پەقەت 3-4 مېتىر دائىرە ئىچىدە ئۇچالايدىغان تىزگىنەكلىك ئايروپىلان، تىك ئۇچارلارنى سېتىشقا يول قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئويۇنچۇقلارنى خېرىدار كىنىشكىسىنى چىقىرىپ، كىملىكىنى ئىسپاتلىغاندىلا سېتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن تەدبىر قوللىنىپ، بېيجىڭدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان، ئەرزدارلارنى يۇرتىغا قوغلىغان، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى چەكلەپ، پويىز ۋە ئايروپىلاندىكى ئۇيغۇر يولۇچىلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى 18‏-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا بىر مىليون 400 مىڭ پۇقرانى سەپەرۋەر قىلغان. مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى خۇ جيانىڭ بېيجىڭدىن كېتىپ، ئۇنىڭ بىر مەزگىل ئەنخۇيدىكى يۇرتىدا تۇرۇپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائىرىلەر بېيجىڭدىكى ئاتاقلىق مۇستەقىل زىيالىي ئىلھام توختىنىڭمۇ بىر مەزگىل بېيجىڭدىن كېتىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئىلھام توختى ھازىرغىچە بېيجىڭدىن كەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتى تەقىب قىلىنغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18‏-قۇرۇلتىيى 8‏-نويابىر باشلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.