ئۆزبېكىستان ئامرېكىدىن بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۆتۈنمەكتە

ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ناتو قىسىملىرى ئىشلەتكەن بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي قوراللارنى ئۆزبېكىستانغا قالدۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.09


«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، ئۆزبېكىستان بۇ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۆزبېكىستان ناتو قىسىملىرىغا ئىجارىگە بەرگەن ھەربىي بازا ھەققىگە ھېسابلاپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى جەلپ قىلىدىغان تەلەپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى، ئۆزبېكىستاندىكى پارىخورلۇق ۋە ئۆزبېكىستاندا بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان باي - كەمبەغەللىك پەرقى سەۋەبلىك، بۇ مەسىلىدە جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەن.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى سەۋەبلەر ئۆزبېكىستاندا ئېغىر ئىجتىمائىي تۇراقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەگەر شۇنداق بولسا ئامېرىكا تەرەپ ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنى قوغدىيالماي، دۈشمەن كۈچلەرگە تارتقۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

نۆۋەتتە ناتو ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئامېرىكا 2014 - يىلى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.