بەش بۈرجەكلىك بىنا خىتايدىن ئافغانىستانغا كۈچلۈك ياردەم بېرىشنى كۈتمەكتە

بەش بۈرجەكلىك بىنا ھازىر خىتايدىن ئافغانىستان مەسىلىسى، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش مەسىلىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇرەككەپ مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىشىشىنى كۈتمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.28

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قوغدىنىش ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانى سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ھەربىي ھەمكارلىقنى قايتىدىن قوزغىتىپ، كۈچلۈك ھەربىي ھەمكارلىق ئورنۇتۇش ھەققىدە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرىدە نەتىجە ھاسىل بولمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بەش بۈرجەك بىنا ئەمەلدارى داۋىت سېدنېينىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاشىنگىتوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى، سومالىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇرەككەپ مەسىلىلەردە خىتايدىن كۈچلۈك ياردەم كۈتىدىغان مۇزاكىرە تېمىلىرىغا خىتاي تەرەپ قارشى چىققان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئىككى تەرەپ يەنە، بۇ تېمىلار ئۈستىدە كېلەر ھەپتىدە مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋاقىتىنى بېكىتمەكچى بولىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي 2009‏ - يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 2007‏ - يىلىدىكىدىن 17% ئاشۇرغان ئىدى. خىتاي بۇ پىلانىنى يېقىندا ئېچىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كونتروللىقىدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاتماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.