چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى
2013.01.11
باياناتتا: خىتاي دائىرىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان باش ماقالىسىنى تېڭىش ئارقىلىق ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، دەپ كۆرسەتكەن.
باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ھاسىل قىلغان كېلىشىم قايىل قىلارلىق ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭدا زىياننىڭ ئورنى تولدۇرۇلمىغان ياكى ھېچقانداق كاپالەت بېرىلمىگەن.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى «جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ تەييارلىغان يېڭى يىللىق باش ماقالىسىنى قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پارتىيىنى مەدھىيىلىگەن باش ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ۋەقە گېزىتخانىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بەزى لىبېرال خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
بېزىلەر گېزىتخانا ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆلكىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى تو جېنىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدا گېزىتخانىدىكىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ مەسىلىنى پەسەيتىشكە كىرىشكەن.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتتا يەنە، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 8-ئاۋغۇست ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «پارتىيىنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقى تەۋرىنىشكە بولمايدىغان تۈپ پرىنسىپ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.