ئىككى باش مىنىستىرنىڭ سۆھبىتى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە پىكرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا جامائەتنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقىدا پىكىر ئورتاقلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باياناتچى سۆزىدە ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئەردوغاننىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، تۈركىيىدە خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما ئەردوغان سەپەرگە چىقىشنىڭ ئالدىدا، خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇم چېكىشىنى خالىمايمىز، ئۇلارنىڭ قانداق شارائىتلاردا راھەت ياشىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە باش قاتۇرىمىز» دېگەن ئىدى.
نۆۋەتتە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئەردوغان ۋە ۋېن جياباۋنىڭ سۆھبىتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى خەۋىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.