خىتاينىڭ بىر بېلىقچىلار كېمىسى كېنىيە ساھىللىرىدا گۆرۈگە ئېلىندى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.14
2008.11.14
خىتاينىڭ دۆلەتلىك قۇتقۇزۇش ۋە ئىزدەش مەركىزى بېلىقچىلار كېمىسى تيەنجىن يىراق ئوكيان بېلىقچىلىق شىركىتىگە قارايدىغان " تيەنيۈي - 8" بەلگىلىك كېمە ئىكەنلىكىنى، كېمىدە 24 نەپەر بېلىقچى بارلىقىنى، بېلىقچىلارنىڭ 15 نەپىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى، قالغانلار تەيۋەنلىك، ياپونىيىلىك، فىلىپىنلىكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەتلىك قۇتقۇزۇش ۋە ئىزدەش مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشماقتا ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلاشماقتا ئىكەن. لېكىن قۇتقۇزۇش مەركىزى، خىتاي تەرەپنىڭ كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. سومالى 1991 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندىن بېرى، دېڭىز ساھىللىرىدا دېڭىز قاراقچىلىقى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە چەتئەل كېمىلىرىنى بۇلاش ۋەقەسى 30 قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بەرگەن.
نۆۋەتتە 10 كېمە ھازىرغىچە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن. قاراقچىلار بۇ يىل 10 - ئايدا كېنىيە ۋە سومالى دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى خوڭكوڭ يۈك پاراخوتىنى ئولجا ئېلىۋالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كېنىيە ۋە سومالى دېڭىز ساھىللىرىدىكى قاراقچىلىق ھەرىكىتى ئافرىقىدا كان، نېفىت بايلىقى ئېچىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا ئىكەن.









