خىتاينىڭ ھەربىي پارات باياناتچىسى 'ئالدىمىزدىكى پاراتتا كۆرسىتىلىدىغان قوراللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان' دەپ جاكارلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي پارات باياناتچىسى ۋە قوشۇمچە پارات كوماندىرى گۇئو جەنگو بۈگۈن 'جوڭگو دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ھەربىي پاراتتا كۆرسىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى قوراللارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى دۇنيا كۆرۈپ باقمىغان قوراللار' دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-09-23
Share

ئۇ يەنە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا، 56 مىللەتنىڭ ئەسكىرى قاتناشقان بۇ قېتىمقى ھەيۋەتلىك پاراتتا، مۇشۇ يېڭى تىپتىكى قوراللارنىڭ 90% نى سىلەرگە ئەينەن كۆرسىتىمىز، دەپ ۋەدە بەردى.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2009‏ - يىللىق ھەربىي خىراجىتى ئۆتكەن يىلدىكى 6 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 15% كۆپەيتىلگەن ئىدى. خىتاينىڭ ھەربىي پارات باياناتچىسى بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە 'جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھازىر زامانىۋىيلاشتى، جوڭگو مۇشۇ كۈچ بىلەن دۇنيادا ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچ، ئاۋات ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت