دۆلەت مەجلىسى خىتاي تور جاسۇسلۇقىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەۋە بىر مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دۆلەت مەجلىسىنى خىتاي تور جاسۇسلۇقى ئۈستىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.14


دوكلاتنى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان. مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا خىتاينى «تور جاسۇسلۇقىنى ئەڭ كۈچلۈك قانات يايدۇرغان دۆلەت» دەپ سۈرەتلىگەن.

كومىتېت دوكلاتىدا خىتاي تور جاسۇسلۇقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي ۋە تەشكىلاتلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتاينى «ئاساسسىز ئەيلىگەنلىكى» نى كۆرسىتىپ ئېتىراز بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.