ئاۋسترالىيە رابىيە قادىر خانىمنىڭ 'تېررورچى' ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.01
2009.08.01
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، مېلبۇرن خەلقئارا كىنو فېستىۋالغا قاتنىشىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ۋىزا بەرگەن ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەوف رابىي ئەپەندىنى چاقىرتىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.
خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىجۈن، ئاۋسترالىيە ئەلچىسى جەوف رابيغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۆلگۈنچى تەشكىلات - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئىكەنلىكنى، شۇڭا ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "تېررورچى" ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمەسلىككە باشقا سەۋەب يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستىفىن سمىس، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيىدە ئۆزى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھاجەتلىك فىلىمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە خانىم 11 - ئاۋغۇست مېلبۇرندا "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.