خىتاي، لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك دېدى

ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلانغانلىقىغا 5 كۈن بولدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەنگلىيە ھەربىي قىسمىنىڭ قوماندانى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا كازافىينىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كازافىي قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا توقۇنۇشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئىسيانچى خەلق كۆپرەك مەركەزلەشكەن شەھەرلەرنى نىشان قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچلەندۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، مۇخبىرلارنىڭ رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن خىتاي باياناتچى جياڭ يۈ لىۋىينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن : لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.

ئۇ يەنە، لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ باشقا رايونلارنىڭ خەۋپسىزلىكىگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي باياناتچى جياڭ يۈ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، يەمەن ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، بىز يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىپ، پات ئارىدا جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نورمال تەرتىپكە قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېگەن.

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 12 دۆلەتنىڭ لىۋىيىدە كازافىي كۈچلىرىگە قارشى ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش پىلانىغا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.