مەھبۇسلاردىن ئورگان كېسىۋېلىش فالۇنگوڭچىلارغىلا ئەمەس، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارغىمۇ كېڭەيتىلمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، كانادالاردىكى فالۇنگوڭ تەشكىلاتلىرى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاچقان ئاخبارەت يىغىنىدا، خىتايدا يۈز بەرگەن 'ئادەم بەدىنىدىن ئورگان كېسىۋېلىش' ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈپ -ئېنىقلاپ كىتاب يازغان، 2010‏ - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن كانادالىق ئادۋوكات داۋىت، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى كېسىۋېلىش ئاشكارا ئېلىپ بېرىلاتتى، كېينىچە فالۇنگوڭچىلارغا كېڭەيتتى، ھازىر ئۇنىڭدىن تىبەتلەرگە، ئۇيغۇرلارغا ۋە مەخپىي دىنىي تەشكىلاتلارغا كېڭەيتمەكتە، دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا 2009‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 25 كۈنىدىن كېيىن 'ئورگان تەقدىم قىلىش' رەسمىي باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتېستىكا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ئورگان ئالماشتۇرۇشقا تىزىملاتقان ئادەم سانى بىر مىليون، ئەمما ئاران 10 مىڭ ئادەم ئوپىراتسىيە قىلغۇزالايدۇ، چۈنكى ئورگان تەقدىم قىلىدىغانلارنىڭ سانى بىر مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاران 0.03 نى تەشكىل قىلىدۇ، ھازىر خىتايدا قاراڭغۇ بازاردا بىر بۆرەكنىڭ باھاسى 200 مىڭ يۇەن.