خىتاي پاكىستاندا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بۈگۈن خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيە شىركىتى پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن پاكىستاندا بىر گىگاۋاتلىق يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يادرو ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۇ جەنگاڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھازىر كېلىشىش ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭدىن سىرت ئىككى تەرەپنىڭ پاكىستانغا ھەربىرى 300 مېگاۋات بولغان 3 - ۋە 4 - نومۇرلۇق رېئاكتور سېتىپ بېرىش ئۈستىدە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىلگىرى پاكىستانغا ئىككى يادرو رېئاكتورى سېتىپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر رېئاكتورلار پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ پەشمەن رايونىغا قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى پاكىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو تىجارىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشكە ۋە ئۇنى چوقۇم خەلقئارا يادرو تەمىنلىگۈچىلەر بىرلىكى-- NSG نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يادرو تىجارىتىنى "تىنچلىقپەرۋەر" دەپ ئاقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، مەزكۇر تىجارەت ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تەرەپ خىتاي بىلەن بولغان يادرو سودىسىنىڭ پەقەت پاكىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا باشقا بىر نىيەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.