خىيانەتچى ئەمەلدارلار ۋە مەككار بايلار ئىقتىسادىي كرىزىستىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ئارام ئالماقتا
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم يېقىندا چۈشۈرگەن ھۆججەتلىرىدە، ھەر قايسى تارماقلارغا ئىقتىسادىي كرىزىس مەزگىلىدىن ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن، پايلىرى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ھېساباتىنى، مەبلەغلىرىنى ۋە مۈلكىنى پىچەتلەشنى ياكى توڭلىتىپ قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىيانەتچى ئەمەلدارلار ۋە مەككار بايلار 'قانۇنلۇق ئارام ئېلىش'قا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرىدە 'قانۇن بۇيىچە ۋە ئىنتىزام بۇيىچە ئىش كۆرۈش' دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان. خىيانەتچى ئەمەلدارلار، مەككار باي - خوجايىنلار ھۆكۈمەتنىڭ 'قانۇن بۇيىچە' دېگەن ئاتالغۇسى پەقەت خەلققە قارىتىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە قارىتىلمىغانلىقىنى، پەقەت 'ئىنتىزام بۇيىچە' دېگەن ئاتالغۇلار ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر ئۇلار بىغەم ھالدا ئارام ئېلىپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرماقتا.