ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا تاموژنا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر بۇيرۇق خىتايدا داۋام ئېتىۋاتقان سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش كرىزىسى چوڭقۇرلاشقان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.09.22

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا سودا كومىتېتنىڭ باياناتچىسى نىنا پاپادۇكالى خانىم، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە بوۋاقلار پاراشوكى ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كارانتىن ۋە تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ھازىر جىددىي ئاگاھ بولۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما ھازىرچە مېلامىندا بۇلغانغان بىرەر مەھسۇلاتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە ئىمپورت قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى خادىملار خىتاي تەرەپنىڭ، مېلامىندا بۇلغانمىغانلىق ئىسپاتى بولمىغان شارائىتتا، ئۆزىدە ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلارنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىگە ئائىت بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇق ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.