خىتاي ئۆزبېكىستاندا دورا ياساش زاۋۇتى قۇرماقچى

ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تىببىي دورا مەھسۇلاتلىرى شىركىتى خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، تاشكەنت ۋىلايىتىدە ئۈچ دورا تىببىي دورا ياساش زاۋۇتى قۇرۇشقا ئىمزا قويغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.02.10


پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ كۈنمىڭ دورا شىركىتى ئۆزبېكىستاندا نەپەس - ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغا دورا ياسايدىغان زاۋۇت قۇرىدىكەن. يەنە بىر خىتاي شىركىتى بولسا، مەخسۇس تىببىي ساھەگە ئىشلىتىدىغان ئىسپىرت ئىشلەيدىغان زاۋۇت قۇرىدىكەن.

بۇ زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى تاشكەنتتىكى مەخسۇس سانائەت مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن.

خىتاي تەرەپ ياساپ بېرىدىغان مەزكۇر ئۈچ تىببىي دورا زاۋۇتىنىڭ ئومۇمىي چىقىم قىممىتى 26 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.