چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتايدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا

بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى دېموكراتىك نامايىش ۋە بىر قاتار سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەم 5-ئايدىن باشلاپ، ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خۇبېي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىغا مەركەزلەشتى.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتى، مۇھاپىزەت گېزىتى «The Guardian» شۇنداقلا س ن ن، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، گېرمانىيە ئاۋازى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەڭ زور كۈچىنى دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا قاراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ۋاقىت گېزىتى ماقالىسىدە، خىتاي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىدا پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، مىللىي سىياسەتتىكى باراۋەرسىزلىك قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇھاپىزەت گېزىتىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى زور كۆلەمدىكى قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلەر ۋە تانكا، برونىۋېك قاتارلىق ئېغىر قوراللار بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدە خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.