خىتاي قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلىپ يىلىغا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011- يىلىدىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، يىلىغا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.24

بۇلار خىتاينىڭ تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 9 ئۆلكىدىكى 31 نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل مەزكۇر ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار 3مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، بۇلار پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر سانائىتى، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، توقۇمىچىلىق ۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەردە ئوقۇتۇلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ ئېلىنىدىغان بولسىمۇ، ئاساسلىقى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچ چوڭ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى تاقاشقا باشلىغان ۋە بەزىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.