ياپونىيىدىكى قوش ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئارتماقتا

ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 18مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۈگۈن ياپون دائىرىلىرى مىياگىدە 5700، ئىۋاتېدە 3000، فۇكۇشىمادا 776 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قوش ئاپەتتە 18 مىڭ ئۆي ۋەيران بولدى.

ياپون دائىرىلىرى پۈتۈن بۇ زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 309 مىليارد دوللار كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىدىكى سۇنامى ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان يادرو ئىستانسىسىدا رىئاكتورلارنىڭ پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلاردىن ئىككى نەپىرى رادىئاكسىيىلەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى كىشىنىڭ پاچاقلىرىدا بېتا نۇرىنىڭ تەسىرىدىن كۆيۈكلەر پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان. ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ۋەقەدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.