بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەسلى مائارىپىغا 160 مىليون سوم ئاجرىتىلغان
2013.01.25
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سېلىنما نۇقتىلىق يېزىلاردىكى يەسلى مائارىپ قۇرۇلۇشى، شەخسلەر قۇرغان يەسلىلەرنى قوللاش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەرگە ئاجرىتىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىللىق يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسى نۇقتىسى يېزىلارغا قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2003-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، قوش تىل ئوقۇتۇشنى يەسلى مائارىپىغىچە كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى يېقىنقى بەس-مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىدا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق سىياسەت ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ۋە ئۇيغۇرچە تەپەككۇرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلاردىكى ياتلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرغان.
بۇ خىل ئەھۋالدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقان بەزى زىيالىيلار، «قوش تىل مائارىپى» ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا تەپەككۇر ۋە پسىخولوگىيىلىك بوشلۇق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ يىل يەر ئاجرىتىپ بېرىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇتقۇچى سەپلەپ بېرىش قاتارلىق ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شەخسلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا، «يەسلى مائارىپىنىڭ سىستېمىلىشىش ۋە ئومۇملىشىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.