كەنت سېكرىتارى: «‹قوشماق تۇغقان› لىرىمىز ئۆزىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى بىزدىن يوشۇرىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.11.13
Zumret-Dawut-Qoshmaq-Tuqqanliri-Bilen-2018-01.jpg لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن. 2018-يىلى. ئۈرۈمچى.
Zumret Dawut Teminligen.

مۇخبىرىمىز خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ئىجرائاتلىرىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لاردىن خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز كىملىك مەلۇماتلىرىنى قارشى تەرەپتىن يوشۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. خوتەندىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆزىنى ئىككى يىلدىن بۇيان يوقلاپ تۇرۇۋاتقان خىتاي تۇغقىنىنىڭ پەقەتلا ئىسمىنى بىلىدىغانلىقى، ئەمما نەدە ئىشلەيدىغانلىقى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر رايونىدىن يېقىندا چىققان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «قوشماق تۇغقان» لىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى سورىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ غەلىتە تەرەپلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لاردىن خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئۇيغۇر تۇغقىنىدىن مەخپىي تۇتۇدىكەن. شۇنداق بولغاچقا خوتەندىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرىتارى ئۆزىنى 2 يىلدىن بۇيان يوقلاپ تۇرۇۋاتقان خىتاي تەرەپنىڭ نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى تا ھازىرغىچە بىلەلمىگەن.

بۇ تۇغقاندارچىلىقتا خىتاي تەرەپكە ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ 7 ئەۋلادىغىچە كىملىكىنى خاتىرىلەش، ئۆيىگە كېلىپ-كېتىۋاتقان بارلىق مېھمانلىرىنى تىزىملاش؛ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا نېمە ئويلاپ نېمە خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ ئەمما ئۇيغۇر تەرەپكە خىتاي تۇغقىنىنىڭ نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىش ھوقۇقىمۇ بېرىلمىگەن. ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كېلىپ «تۇغقان يوقلاش» ھەققى بولغان خىتاي «تۇغقان» لار قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋە ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلمىغان. 

يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لىرىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. «قوشماق تۇغقان» لاردىن ئۇيغۇر تەرەپنىڭ پەقەتلا گەپ ئاڭلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، قارشى تەرەپتىن سوئال سوراش، بولۇپمۇ كىملىك مەلۇماتلىرىنى سوراش ھەققى يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان زۇمرەت داۋۇت ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ «قوشماق تۇغقان» لار زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى زىيارەت داۋامىدا قارشى تەرەپنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى سورىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن گەرچە تاماقتا، ياتاقتا ۋە ئىشتا بىللە بولۇپ تۇرۇپمۇ، يەنى جۇۋاۋىنى بىللە تۈگۈپ يەۋاتقان، لەغمەننى تەڭ سوزۇۋاتقان ۋاقتىدىمۇ ئۆز بىختەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، بۇ ئەندىشىنىڭ يالغۇز شۇ «قوشماق تۇغقان» لاردىلا ئەمەس، بۇ سەھنىنى ھازىرلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىدىمۇ مەۋجۇتلۇقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.