خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىدىكى قۇربان ھېيت» تەشۋىقاتى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.07.22
خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىدىكى قۇربان ھېيت» تەشۋىقاتى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى قەشقەر كوناشەھەردە كوچا چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى. 2021-يىلى 4-ماي.
REUTERS

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەنگەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خۇشال-خورام كەيپىياتتا قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقى» كەڭ تەشۋىق قىلىندى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» 19-ئىيۇل كۈنى «ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس گۇرۇپپىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ھامىدىن نىياز، يۈسۈپ مۇھىممىدى، با دەي، جانابىل سىماغۇل، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلارنى يوقلىغانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىندى.

بۇ كۈنى يەنە چېن چۈەنگونىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇربان ھېيتلىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق چاي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىرقىسىم سابىق ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە باشقىلار تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدىن باشقا تىك-توك، ئۈندىدار سالونى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىمۇ ئاتالمىش «ساياھەتچىلەر» ۋە «تور چولپانلىرى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قۇربان ھېيت» تەشۋىقاتلىرى كەڭ يەر ئالدى.

بۇلاردىن «قەشقەر ھېيتگاھ ئالدىدىكى قۇربان ھېيتلىق ساما»، «ساما ئۇسسۇلى مەشق قىلىش»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشى»، «ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئۆيىدە قۇربان ھېيتلىق يېمەكلەردىن ھوزۇرلاندىم» دېگەندەك سىن فىلىملىرى ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۋىتتېر، ۋاتسئاپ، فېيسبوك قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، زور ئىنكاس قوزغىدى.

ئىنكاسلاردا رايوندا 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى قاتتىق چەكلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجراچىسى چېن چۈەنگو ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ خىل خەۋەر ۋە سىن فىلىملىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى جىددىي مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات فىلىملىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرى رول ئالغان بۇ خىل ساختا كۆرۈنۈشلەرگە شاھىت بولغان ئىكەن

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى يوقىتىش نىشانى قىلىپ، «روزا ھېيت»، «قۇربان ھېيت» قاتارلىق دىنىي بايراملارنىڭ دىنىي قائىدە يوسۇنلار بويىچە ئۆتكۈزۈلۈشىنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يەنە 2016-يىلى يىل ئاخىرى چېن چۈەنگو يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، 2017-يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىنىي ئۆلۈملىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيەت بايراملىرىنى تېڭىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئارقىلىق، خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يەنە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدىمۇ «ئۇيغۇرلار روزا ھېيتلىق ناماز ئوقۇدى»، «خۇشال-خۇرام روزا ھېيت ئۆتكۈزدى» دېگەندەك بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقات خەۋەرلىرى، نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ نوپۇس تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» يۈز بەرگەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەش نىشانى بولۇۋاتقان ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئىنكار قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر بەختلىك ياشاۋاتىدۇ»، «ھېچقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق» دېگەننى كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

چېن چۈەنگو 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ، 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا، قۇربان ھېيت، روزا ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملاردا ھېيت نامىزى ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن. ئۇ باشچىلىق قىلغان كومپارتىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» تونۇشىنى كۈچەيتىش نامى ئاستىدا «باھار بايرىمى»، «زۇڭزا بايرىمى» غا ئوخشاش خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدىغان تەدبىرلەرنىمۇ يولغا قويغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا قاتارلىق بىرقىسىم غەرب دېموكراتىك ئەللىرى پارلامېنتلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، چېن چۈەنگونىڭ باشچىلىقىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامى ئاستىدىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنى تازىلاش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىش» دېگەندەك ھەرىكەتلەر جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ نوپۇس تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» يۈز بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.