2017- ۋە 2018-يىللىرى مەسچىتلەرنى پۈتۈنلەي تاقىغان خىتاي دائىرىلىرى 2020- ۋە 2021-يىلىغا كەلگەندە خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئاز بىر قىسىم مەسچىتلەرنى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئاچقان ۋە ھېيت كۈنلىرى بىر قىسىم ياشانغانلارنى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا تەشكىللىگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيتقا كەلگەندە، مەسچىتلەر تاقاقلىق ھالىتىنى داۋام قىلغان. كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئېچىلغان بىر قىسىم مەسچىتلەرگە، سۈنئىي جامائەت تەشكىللەپ ئاپىرىش ئىشىمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان.
خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن دويىندىكى ئۇچۇرلارنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئانچە-مۇنچە ناغرا-سۇناي ئاۋازى چىققان ۋە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇسۇل سامالىرى كۆزىمىزگە چېلىققان بولسىمۇ، مەسچىتتە ناماز ئوقۇلۇۋاتقان ياكى مەسچىتكە توپلىشىپ كىرىپ-چىقىۋاتقان جامائەت كۆرۈنۈشلىرى بايقالمىدى. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فەيسبوكىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەلىك بىر يوتۇبېر (يوتۇبچى) قۇربان ھېيت كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە تىجارەت قىلىدىغان بازارنى زىيارەت قىلىپ مەخسۇس بىر ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلغان. ساياھەت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ۋە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، يوتۇبچى خانتەڭرى مەسچىتى قاتارلىق بىرقانچە مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ۋە بەزىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باققان، نەتىجىدە بۇ مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا تاقاقلىق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغان.
بىز ئۈرۈمچىدىكى غالىبىيەت ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ تەۋەلىكتىكى خانتەڭرى مەسچىتىنىڭ بۇ ھېيتتا ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان خادىم، مەسچىتنىڭ گېپىنى چىقىرىشىمىز ھامان تېلېفوننى قويۇۋەتتى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككىنچى خادىم، ئاۋازىمىزنى ئاڭلىيالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ، تېلېفون نومۇرىمىزنى سورىدى ۋە سوئالىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر ئەنگلىيەلىك يوتۇبچى ئۈرۈمچى چوڭ بازارنى ئايلىنىپ ئاز-تولا سودا سېتىق قىلغان ۋە ئاھالىلەر بىلەن مۇڭدىشىشقا ئۇرۇنۇپ باققان. خىتاي ئاھالىلىرى يوتۇبچىغا راھەت جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ئاز گەپ قىلىشقان، بەزىلىرى ئۆزىنى قاچۇرغان.
قىسقىسى يوتۇبچى ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر جامائەتنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆرمىگەن.
بىز ئۈرۈمچىدىكى باشقا مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز خادىملاردىن، ھېيت كۈنى مەسچىتلەرنىڭ ئېچىغان-ئېچىلمىغانلىقى، ئېچىلغان بولسا قانچىلىك كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، خادىملار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. خادىملار، بۇ ھەقتە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن يازما ئىلتىماس سۇنۇشىمىز كېرەكلىكىنى تەكرارلىدى. بىز ئۇنىڭدىن تەۋەلىكتىكى بىرەر مەسچىتنىڭ ھېيت كۈنى ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىدىن ئىبارەت سوئالىمىزغا ئاددىيلا بىر ئېغىز «ياق، ھەئە» جاۋابىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بۇ خادىمنىڭ بۇنداق بىر جاۋابنىڭمۇ چوقۇم بىر رەسمىي تەرتىپنى كېيىن بېرىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
يوتۇبچى پەقەت ئۈرۈمچى چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا ئاز ساندىكى كىشىلەر توپلىنىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان سەھنىنى كۆرگەن ۋە ئۆزىمۇ بۇ ناخشا ئۇسۇللارغا جور بولغان. يوتۇبچى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى ساياھەت پىلانىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماسلىقىنى ئۈچۈن بولسا كېرەك، ساياھەت خاتىرىسىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ۋە سىرلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، بۇ يىل قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلمىغانلىقى، يەنى ئالدىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىكىدەك، ساياھەت مەركەزلىرىدىكى ئېچىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان مەسچىتلەردىمۇ نامازنىڭ ئوقۇلمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا، جامائەت سىياسىي ۋەزىيەتتىن بەكلا ئۈركۈپ كەتكەن بولغاچقا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۈنئىي جامائەت تەشكىللىشىنىڭمۇ قېيىن توختىغانلىقىنى سەۋەب دەپ كۆرسەتتى.
ئاقسۇ ئايكۆلدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم ئاقسۇ شەھىرى ئىچىدە بۇ يىل قۇربان ھېيتتا ھېچ بىر مەسچىتنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ، كۇچادا بۇ يىل ھېيت نامىزى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوقۇلمىغانلىقىنى دەلىللىدى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ دويىندىكى ئۇچۇرلاردىن كۆزىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان قاتارلىق خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايراملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش نىيىتى بۇ قۇربان ھېيتتىكى كۆرۈنۈش ۋە كەيپىياتلاردا كونكرېت ھەم گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، توردىكى بەزى ئىنكاسلاردا يېزىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلماسلىقىدا، دىنىي زاتلارنىڭ ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۈرمىلەردە بولۇشىمۇ يەنە بىر سەۋەب بولغان.