رابىيە قادىر: «خىتاينىڭ دېگىنى راست بولسا قالغان بالىلىرىمنى ۋە تۇغقانلىرىمنى كۆرسەتسۇن»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.01.13
rabiye-tutulghan-perzentlir-1.jpg «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە فوندى» نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 4 پەرزەنتى.
Photo: RFA

10-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن «شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئەيىبلىدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق نىشانى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە فوندى» نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر ئىدى. خەۋەر تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر نەپەر خادىمى دولقۇن ئەيسا ۋە رابىيە قادىردىن ئىبارەت ئىككى بۆلگۈنچىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ۋىدىيوسىنى جۈمە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئاشكارىلىدى».

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-يانۋار جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى گۈلى ئابلىم مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيسالارنىڭ ئائىلىلىرى سۆزلىتىلگەن ۋىدىيونى كۆرسەتكەن. ئەمما «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» شۇ كۈنى ئىسپات سۈپىتىدە پەقەتلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسى سۆزلىتىلگەن ۋىدىيونى تىۋىتتىر ئارقىلىق خەلقئاراغا تارقاتقان. مەزكۇر ۋىدىيودا رابىيە قادىر خانىمنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئىككى نەۋرە قىزى سۆزلىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ۋىدىيودا ئاران ئىككى نەۋرىسى ۋە ئىككى بالىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە تارقىتىلغان ۋىدىيودا ئۇنىڭ ئايدىن قاھار دېگەن نەۋرىسى: «ھازىر ئۈرۈمچىدە مېترو بار، بىز ئىشىك ئالدىدىلا بېلەت ئالالايمىز. دۇنياغا داڭلىق ماركىلارنىڭ كىيىملىرىنى خالىغانچە ئالالايمىز، مانا مۇشۇ تەرەققىيات ئەمەسمۇ؟ موما، بۇ يەر ھازىر سىز ئاڭلاتقاندەك ئەمەس» دېگەن. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىم بىر مەسچىتتىكى تەبلىغ ئاڭلاۋاتقان كىشىلەر كۆرسىتىلگەن يەردە سۆز قىلىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ مەسچىتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، مەسچىتلەردە قىشتا پار، يازدا سوغۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ بارلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ ئىنتايىن يېڭى ۋە ئازادلىقىنى، بۇ يەردە بېسىم يوقلۇقىنى» ئېيتقان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە مەنىۋى قىممەتلەرنى ھېسابقا ئالماي، مەنىۋى قىممەتلەرنى ماددىي بايلىق ئارقىلىق ئۆلچىمەكچى بولۇشى تولىمۇ كۈلكىلىك، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم بولسا بۇ ۋىدىيودا ئائىلىسىدىكىلەردىن بىر قانچىسىنىڭلا كۆرسىتىلگەنلىكى، قالغان 31 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى، بۇنىڭدىن سىرت يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 66 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇچار، خوتەن، ئۈرۈمچى، قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن جەمئىي 206 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلىغىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنى لاگېرغا سولاشنى باشلىغان 2017‏-يىلىدىن بۇيان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەر خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىل ھەرىكەتلەردە سۈرۈشتە قىلىنغان خالنۇر، خېنىمخان تۇردى، ئېزىز نىياز قاتارلىق كىشىلەرنى ئېكرانغا چىقىرىش ئارقىلىق بۇ گۇۋاھلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. ھالبۇكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلىرى خىتاي ئىچىدىكى كۆرۈرمەنلەرنى ئالدىيالىسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رابىيە قادىر خانىممۇ سۆزىدە: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سىرتتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمەن دېسە، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئۇلارنىڭ ئاقسۇ كونا شەھەر، كۇچار، خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە قارىمايدا تۇرۇۋاتقان يەرلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك»، دېدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ بىر قىسىم پەرزەنتلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مېنىڭ بالىلىرىم قۇللار ئەمگىكىدىن ئازاد قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم 11-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە يەنە يازما باياناتمۇ ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گۇناھسىز ھالدا تۈرمىدە يېتىپ چىققان ئوغۇللىرى ئابلىكىم ۋە ئالىمنى ھەم سىڭلىسى خەلچەم قادىرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يازما باياناتىدا، خىتاينىڭ ھېلىھەم دۇنيانى ئالداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر، خىتاينىڭ دېگەنلىرى راست بولسا، نېمىشقا مېنىڭ بالىلىرىم ماڭا تېلېفون قىلىپ بىر ئەھۋالمۇ سورىيالمايدۇ؟» دەپ سورىغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى، »يەرشارى ۋاقتى گېزىتى« خەۋىرىدە يەنە، شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قويۇلغان دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى ۋىدىيودا ئۇنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈل ئەيسانىڭ ئىنىسىنى ئەيىبلەپ »: بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىز قېرىلىقتىن ۋە كېسەللىكتىن ئۆلۈپ كەتكەن، بىراق مېنىڭ ئىنىم ئۇنى چەتئەلدە تۇرۇپ شىنجاڭنى قارىلاش ئۈچۈن قوللىنىپتۇ« دېگەنلىكىنى بايان قىلغان، ئەمما بۇ ھەقتىكى ۋىدىيونى تارقاتمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.