ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا تونۇلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ھېچ قانداق ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىق خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىزچىل دىققەتكە ئېرىشىپ كەلمەكتە. 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلىشكە باشلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكانىڭ سىياتىل شەھرىدە ئوقۇۋاتقان قىزى ئەقىدە پولات، 17-فېۋرال كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قوزغىغان «ئاپام راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك» ھەرىكىتىگە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناش تەتقىقاتچىلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن ئاۋاز قوشقان.
مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات ۋە بۇ ھەرىكەتكە يېقىندىن ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرشۇناش تەتقىقاتچىلاردىن نيۇ-يوركتىكى لىزا رۇز خانىم ۋە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلگىرىكى كەسىپدىشى مېھراي مەمتىلى خانىملار رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇلار راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش 3 يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە تۇتقۇندىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمەسلىكى ئۇلارغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مېھراي مەمتىلى خانىم ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن راھىلە داۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ لاگېر ياكى تۈرمىلەردىكى ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە راھىلە داۋۇت قاتارلىق مەزكۇر ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە داۋاملىق گۇۋاھلىق بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ سانى 400 دىن ئاشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تەببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قانۇنىي جازاغا تارتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما راھىلە داۋۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا ۋە باشقا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالىنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇپ كەلمەكتىكەن.
راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.