لىسا روس: «راھىلە داۋۇت ھەتتا تۈرمىدىمۇ باشقا تۇتقۇنلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندەۋاتقاندۇ دەپ ئويلايمەن! »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.05.23
rahile-dawut-Lisa-Ross-2012 مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىم «مۇقەددەس جايلار ۋە كۆرگەزمە» يىغىنىدا قەدىناس دوستى، داڭلىق فوتوگراف لىسا روس (Lisa Ross) خانىم بىلەن. 2012-يىلى كالىفورنىيە.
Lisa Ross

ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى راھىلە داۋۇت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل 20-مايدا راھىلە داۋۇتنىڭ چەت ئەلدىكى قىزى ۋە دوستلىرى ئۇنىڭ 58 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلىدى.

-20ماي كۈنى راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئامېرىكادىكى قەدىناس دوستى، داڭلىق فوتوگراف لىسا روس (Lisa Ross) خانىم، ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا مۇنۇ قۇرلارنى يېزىپ، ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلىگەن: «بۈگۈن راھىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بىز گەرچە ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە، ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسەكمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى قىلالايمىز، دۇئا قىلالايمىز، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلالايمىز ۋە ئۇنى ئەسلىيەلەيمىز. ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانغا قەدەر، ئاجايىپ تەپەككۇرغا ئىگە، قەيسەر، ئىجتىھاتلىق ۋە يېتۈك ئىنسانشۇناسنىڭ بىرى ئىدى» .

پىروفېسسور راھىلە داۋۇت 2017‏-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي كەلگەن ئىدى.

2021-يىلى 6-ئايدا رادىيومىز دەسلەپ بولۇپ ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەنىدى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكادىكى «دۈيخۇا فوندى» (دىيالوگ فوندى) بىر نەپەر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلىرى ئاساسىدا راھىلە داۋۇتنىڭ 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» ، يەنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغانلىقى ۋە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا روس خانىم 2002-يىلىدىن بۇيان كۆپ قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ مازارلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنى سۈرەتكە ئالغان. بۇ جەرياندا ئۇ مازار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور راھىلە داۋۇت بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ۋە كەسپىي ھەمكارلىق ئورناتقان. لىسا روس دوستى راھىلە داۋۇتنىڭ غايىب قىلىنغانلىقىغا 7 يىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا، تولىمۇ ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسىز بىر رېئاللىق. ئۇنىڭ تۈرمىدە 7 يىلنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىياس قىلالمايمەن، بىزنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئۇنىڭ ھازىر تۈرمىدە قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىدۇر. راھىلە ئىنتايىن قىزغىن، يۇمۇرىستىك، خۇشچاقچاق بىر ئايال. مۇشۇنداق بىر كىشىنى تۈرمىگە قاماپ قويۇش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر روھىي ئازاب بولىدۇ. ئۇنى سۆيگەنلىرىدىن، دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاش، ئاجايىپ زور ۋەھشىيلىكتۇر» .

دوستى راھىلە داۋۇت ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، لىسا روسنىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇ، 2019-يىلىدىن باشلاپ، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ نامىغا بېغىشلىغان «مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىلىرىنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە، شۇنداقلا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاچقان ئىدى. فوتوگراف لىسا روسنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى تۇنجى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 2013-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس تاۋابگاھلىرى» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇشۇ فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدا نەشر قىلدۇرغان بىر پارچە كىتابىمۇ بار.

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىم تۇغۇلغان كۈنىدە قەدىناس دوستى، داڭلىق فوتوگراف لىسا روس (Lisa Ross) خانىم بىلەن. 2005-يىلى 20-ماي، خوتەن.
مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىم تۇغۇلغان كۈنىدە قەدىناس دوستى، داڭلىق فوتوگراف لىسا روس (Lisa Ross) خانىم بىلەن. 2005-يىلى 20-ماي، خوتەن.
Lisa Ross

لىسا روس خانىم، ھەر يىلى راھىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى، خۇشچاقچاق ۋە يېقىملىق خاراكتېرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىدىكى كۆڭۈللۈك كۈنلىرىنىڭ قايتىدىن كۆز ئالدىغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

 «راھىلە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە قىزىقاتتى، مەن ئۇيغۇر رايونىغا يېڭى بارغانلىرىمدا، ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان چاغلىرى ئىكەن، بىر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئىنگلىزچە ‹يۈرۈشكە چىقايلى› دېدىم. بۇ سۆز ئۇنىڭغا بەكمۇ قىزىق تۇيۇلدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنلا مېنى دوراپ ئىنگلىزچە ‹ئەمدى يۈرۈشكە چىقايلى› دەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزلا كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق. ئۇ ئىنتايىن كىچىك نەرسىلەردىنمۇ خۇشاللىق تاپالايتتى ۋە مىننەتدار بولاتتى. ئۇ قەھۋەنى بەكمۇ ياخشى كۈرەتتى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇ چاغلاردا قەھۋە تاپماق تەس ئىكەن. مەن بىر يىلى ئۇنىڭغا قەھۋە ئېلىپ باردىم، ئۇ ئاجايىپ خوش بولغانىدى. ئۇ داۋاملىق قىزىق گەپلىرى بىلەن ئەتراپتىكىلەرنى كۈلدۈرەتتى. »

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم بىز ئۇنىڭ يولدىشى ۋە دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېدۇق، ھە راست، بۇ دەل راھىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. 2005-يىلى ئىدى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خوتەندە ئۆتكۈزگىنىمىز ئېنىق ئېسىمدە. ئۇنىڭ يېقىنلىرى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى نۇرغۇن ئادەم بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. تۇغۇلغان كۈن تورتىنىڭ شاملىرىنى بىرلىكتە پۈۋلەپ ئۆچۈردۇق. ئۇ كۈنى چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ، ئىنتايىن خۇشال ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ئىدۇق، ئۇ قىزىق گەپلىرى بىلەن ھەممىمىزنى كۈلدۈرگەنىدى، ھەرگىز يادىمدىن چىقمايدۇ» .

دوكتور راھىلە داۋۇت يەنە ئۇيغۇر رايونىدا ۋە چەت ئەللەردە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچىلارنى يېتەكلىگەن ۋە يېتىشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقى مەلۇم.

راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، ئۇنى ياخشى بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى ھەم سەپداشلىرىنىڭ مۇھىم ئىشىغا ئايلانغان ئىدى. ئىندىئانا ئىشتاتىدىكى رۇس خۇلمەن تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس تىموسىي گروس دەل شۇلاردىن بىرى. ئۇ، ئۇستازى راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خاس ھېسابىدا تەگلىك قىلىپ قوللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ X ھېسابىغا «ئاق تەنلىك ئەر كىشى تۇرۇپ خوتۇن كىشىنىڭ سۈرىتىنى چاپلىۋالغانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك» دېگەن ھۇجۇم خاراكتېرلىك يازمىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇ سۈرەت ئۇستازىم ۋە دوستۇم راھىلە داۋۇتنىڭ باش سۈرىتىدۇر. ئۇ ئۇيغۇر مازارلىرى، ئەقىدە-ئۇدۇملىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى نەتىجىلىرى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈنلا ئادالەتسىزلىك بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەن ئۇنى ھەر كۈنى ئەسلەيمەن» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئامېرىكادا ياشايدىغان قىزى ئەقىدە پولات ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئاپىسى بىلەن ئۆمۈرۋايەت كۆرۈشەلمەي قېلىش ئەندىشىسىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم بېسىشى ئەسناسىدا ئاپىسىنىڭ بىردىنلا غايىب بولۇشىنىڭ ئېغىر ئازاب بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ بالدۇرلا قەيسەر بولۇپ يېتىلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ، «7 يىل بولۇپ كېتىپتۇ، ئاپامدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق» دەپ چوڭقۇر ئازابلاندى ئەقىدە پولات. ئۇ، ئاپىسى توغرىلىق ئۆزى ئەڭ سېغىنىدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلىرىنى، ئاپىسىنىڭ كۈلگەندە تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاپىسىنىڭ چاقچاق قىلىپ كۈلگەن ۋاقىتلىرىنى ھەممىدىن بەكرەك سېغىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەقىدە پولات خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۆزىگە زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (English PEN) تەرىپىدىن 2023-يىللىق «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Université Libre de Bruxelles) پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى زور تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى.

7 يىلدىن بۇيان فوتوگراف لىسا روس خانىم راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى سەنئەتلىك ئۇسلۇبتا داۋام قىلىپ، ئامېرىكادىكى ئاخبارات قاناللىرىدا چاقىرىق قىلىشنى توختىماي داۋام قىلماقتا.

راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى لىسا روس خانىم، ھەتتا چۈشىدىمۇ داۋاملىق راھىلە داۋۇتنى قۇتقۇزۇپ چۈشەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «راھىلە ئاجايىپ ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە بىر شەخس. ئۇ، ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىگە قۇلاق سېلىشقا ۋە ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ ئامراق. مەن ئۇيغۇر دىيارىغا ھەر قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم بىللە بولدۇم. ئۇ يەردە بىز نۇرغۇن قېتىم بىللە خىزمەت قىلدۇق. بىز يەنە نيۇ-يوركتا كۆرۈشتۇق، لوندونغا بىللە باردۇق، ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئايال. ئۈمىدۋارلىق بىلەن قىياس قىلغىنىمدا، ئۇنىڭ ھازىرمۇ تۈرمىدە باشقىلارنى كۈچلۈك بولۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. بەزىدە مەن چۈشۈمدە ئاتقا مىنگىنىمچە راھىلە سولانغان تۈرمىنىڭ تۆمۈر قاپقىنىغا ئارقان تاشلاپ ئات كۈچى بىلەن سۆرەپ بۇزغاندىن كېيىن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قاچقان ھالەتتە چۈشەيمەن. كاشكى، خۇددى چۈشۈمدىكىدەك رېئاللىقتىمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقالىغان بولسام! … »

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.