دوكتور رىشات ئابباس ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان
2024.12.23

21-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شۆبە ئورگانلىرىنىڭ رەئىسلىرى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپلىرى، ئاكادېمىيەگە قاراشلىق ئىنستىتۇت ۋە كومىتېت مۇدىرلىرىدىن تەركىب تاپقان 20 دىن ئارتۇق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يىغىلىپ مەخسۇس تور يىغىنى ئاچقان. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك رەئىسلىك سايلىمى يوشۇرۇن ئاۋاز تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.
سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، ئىككىنچى قېتىم قايتا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ سايلامدىن كېيىن مۈرەمدىكى يۈكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم».
21-دېكابىر كۈنىدىكى سايلامدىن بۇرۇن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2021-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 3 يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ توغرىلىق بىزگە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىك سايلىمىدا تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2021-يىلىدىن بۇيانقى 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن ئۇيغۇر ئاتا تىل دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈپ چىقىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش، تەشكىلات ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى».
تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيەنىڭ ئالدىنقى 3 يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى، سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، دوكتور رىشات ئابباسنى تەبرىكلىگەنلىكىنى؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى ئەڭ دەسلەپ 9 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىستانبۇل شەھىرىدە 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇپ چىققان. بۇ ئىلمىي ئورگان شۇ يىللاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر يېڭى ئۈمىد مۇنبىرى بولغان ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2017-يىلىغىچە بولغان 8 يىللىق ئەمەلىي خىزمەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. شۇڭا 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەسىرى تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. ھازىرغىچە تۈركىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، كانادا ۋە ياپونىيەدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان. ھازىرغىچە جەمئىي 8 دۆلەت ۋە قىتئەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى قۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىنستىتۇتى ۋە ئانا تىل كومىتېتلىرى قۇرۇلغان ئىكەن.