روشەن ئابباس: «شى جىنپىڭغىمۇ پۇتىنغا ئوخشاشلا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى كېرەك!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.04.05
putin-xi-putin-shi-2023.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 21-مارت، موسكۋا، رۇسىيە.
AP

روشەن ئابباس خانىم يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىلغان سۆزىدە پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندەك، شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2-ئاپرىل گېرمانىيەنىڭ «سۈرەتلەر» گېزىتى «پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەمدى نۆۋەت شى جىنپىڭغا كىلەمدۇ؟» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا «بلىك» (Blick) گېزىتىمۇ «ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەت: كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شى جىنپىڭ ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى.

دىققەتكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قىسقىغىنا 3 كۈن ئىچىدە بۇ زىيارەت خاتىرىسى ۋە خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، «شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش» تەشەببۇسىغا ئىنكاس قايتۇرغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ سانى قانچە يۈز كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. شىۋېتسارىيەنىڭ «نائۇ» (Nau) ئاخبارات قانىلىمۇ «ئەمدى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش نۆۋىتىنىڭ شى جىنپىڭغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىپ، خەۋەرنىڭ ئاستىغا «شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى قارشى ئالامسىز؟» دەيدىغان بىر راي سىناش كۆزنىكى ئورنىتىپ قويغان. جاۋاب قايتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ 67 پىرسەنتى شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم
مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم
RFA/Ekrem

ئەسلىدە «شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش» تەشەببۇسىنى مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم 2-ئاپرىل گېرمانىيەدىكى «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەشەببۇس ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بىر تېمىغا ئايلانغان. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، ئالدىنقى ئاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ قارىلىۋاتقان رۇسىيە پرىزدېنتى پۇتىن ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، پۇتىننىڭ كۆرۈنەرلىك جىنايەتلىرىدىن بىرى، ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىق ئىدى. روشەن ئابباس خانىم، شى جىنپىڭنىڭ جىنايىتىنىڭ پۇتىننىڭ جىنايىتىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى؛ پۇتۇن 16 مىڭ ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلغان بولسا، شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىلىرى تۈرمە ياكى لاگېرغا سولانغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ يېتىمخانىلىرىغا سولىۋېلىپ، ئۇيغۇر كىملىكىدىن ئايرىپ تاشلاپ، تامامەن خىتايلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى؛ پۇتىندىن بۇرۇن شى جىنپىڭ ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنىڭ تېخىمۇ ئادالەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«سۈرەتلەر» گېزىتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرى ئىنتايىن قاتتىق ۋاستىلار بىلەن ئېزىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلىنىپ، قايتا تەربىيەلەشكە مەجبۇرلانماقتا. روشەن ئابباسنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى يەسلى يېشىدىكى بالىلارنى نىشانغا ئالغان. ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلانغان بالىلار 4-5 ياشلىق نارىسىدىلەردۇر. بالىلار تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايدۇ. بۇ تەربىيەلەشنىڭ نىشانى شۇكى، بالىلار بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىشى كېرەك. ئۇلار ئۆلچەملىك خىتاي تىلىنى ئۆگىنىدۇ. خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىنى كېيىشكە مەجبۇرلىنىدۇ.»

روشەن ئابباس خانىم بۇ زىيارەت ئەسناسىدا «سۈرەتلەر» گېزىتىگە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ھەتتا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان مۇستەبىتلەرگە قارىتا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت بۇ ھەقتە توختالغاندا، روشەن خانىمنىڭ يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن، ئۆرپ-ئادىتىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تاشلاپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ ئۈستىدىن پۇتىنغا ئوخشاش تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ گېرمانىيەدە تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«سۈرەتلەر» گېزىتى «پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەمدى نۆۋەت شى جىنپىڭغا كىلەمدۇ؟» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىدىكى ئوخشاشلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىش تەس. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان بۇ جىنايەتلەرنىڭ قانچە يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ زور كۆلەمدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان روشەن ئابباس، پۇتىنغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىكەن، شى جىنپىڭنىڭمۇ جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.