قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتىنى ئۆز ئۆيلىرىدە كۈتۈۋالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى روزا ھېيت نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 15-ئىيۇن، قازاقىستان.
ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى روزا ھېيت نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 15-ئىيۇن، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ھەر يىلى روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىسى سۈپىتىدە قېلىپلىشىپ قالغانىدى.

چوڭ-كىچىكنىڭ ئورتاق بايرىمىغا ئايلانغان بۇ ئەنئەنىنىڭ ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى، شۇ جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرىدىغان خۇسۇسىيىتى بار بولۇپ، ئۇنى ھەر بىر خەلق ئۆزگىچە ئۆتكۈزىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى مەسچىتلەردە توپلىشىپ، روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر-بىرىنى تەبرىكلەش، ناغرا-سۇنايلارغا تەڭكەش كېلىپ، ئۇسسۇل ئويناش، قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيتلاپ بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغانىدى.

بۇ يىلى قانداق بولدى؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى يارمۇھەممەت كېبىروفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇس كېسىلى سەۋەبىدىن روزا ھېيت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش قازاقىستان دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مەخسۇس قارارى بىلەن توختىتىلغانىكەن.

يارمۇھەممەت كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى روزا ۋە قۇربان ھېيتتا زاريا ۋوستوكتا بىر يېرىم، ئىككى مىڭ ئادەم مەسچىتكە كېلىپ، ناماز ئۆتەيدىغان. بۇ يىلى مەسچىتلەرنى تاقىۋەتتى. ھۆكۈمەتمۇ مۇشۇ ئاغرىقتىن ساقلىنايلى دەپ، مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. خەلق ئۆيدە ئولتۇرغانلىقتىن، ئىشسىز قالىدىكەن. ئىشلىمىگەنلىكتىن ھال ئېيتىشقا باشلىدى. ئىشلەۋاتقان بالىلىرىمىز شۇلارغا ياردەم بەردى. ماقتارال رايونىنى سۇ باسقاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى، ئۇن، چاي، تۇز ئەۋەتتۇق. بۇنىڭغا ھۆكۈمەتمۇ چوڭ رەھمەت ئېيتتى. ۋەتىنىمىز ئازاد بولسا دەپ، دۇئا قىلىۋاتىمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتا شەھىرىدىكى زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار ياشايدىغان چوڭ مەھەللە بولۇپ، بۇ رايوندا چوڭ بازار ۋە ئۇيغۇر مەكتىپىمۇ باركەن.

ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر چوڭ مەھەللە دوستلۇق مەھەللىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ ياشايدۇ. بۇ مەھەللىدىمۇ قازاقىستان بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىرى ئورۇنلاشقان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېلى ئەخمەتوف ئەپەندى رامزان ئايلىرىدا دوستلۇق مەھەللىسى يۇرت-جامائەتچىلىكىنىڭ كۆپلىگەن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «350 ئادەمگە 4-5قېتىم يېمەك-ئىچمەك تارقاتتۇق. تىجارەتچىلەرمۇ ياق دېمىدى. دوستلۇق مەھەللىسى ئۆزىدىلا ئۈچ يېرىم مىليون تەڭگە خەجلەندى. بىزنىڭ مەھەللىدە 36 كوچا يىگىت بېشى بار. ئۇلار ياخشى ئوقەتلەرنى قىلدى. بىز مىللەتكە قارىمىدۇق. تېزرەك كورونا ۋىرۇسى تۈگىسىكەن دەيمىز. مۇسۇلمان خەلقىمىزگە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق تىلەيمىز. ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقىگە پارلاق كۈنلەر تىلەيمەن. بۇنى ئويلىسام، ئىككى كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ.»

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان يەنە بىر يۇرت سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق چاقچاقچى سابىرجان غاپپاروف ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋاقىت ئىچىدە روزا ھەم قۇربان ھېيتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مىللىي بايرامغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھېيتتىن كېيىن ئوغلاقلارنى تارتىپ ئويناتتى. ھېيت قوشاقلىرىمۇ بولاتتى. بۇ يىلى ئاغرىق تۈپەيلىدىن ھېيت نامازلىرى ناچارلىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلار ھەممە مىللەتلەر بىلەن ئىناق. مۇسۇلمان خەلقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى مۆمىن مۇسۇلمان دەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى 130 مىللەت بىلەن ئىناق ياشاۋاتىمىز. بۇ كېسەل پۈتكەندىن كېيىن يېڭى ئۇتۇقلار بولار.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان كارانتىن تەرتىپى مۇشۇ كۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەلنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدە يۇقۇملانغانلار سانى يەنىمۇ ئۆسمەكتىكەن. پۈتكۈل ئەل بويىچە بىخەتەرلىك چارىلىرى بىر ئاز يۇمشىتىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىم ئاھالىنى بۇ كېسەلدىن ساقلىنىشقا چاقىرماقتا. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئاھالە كۆپ توپلىنىدىغان جايلارغا، شۇ جۈملىدىن مەسچىتلەرگە يىغىلىش مەنىي قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت