رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى بىلەن خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كرىزىسىغا قويۇلغان قوش ئۆلچەم (1)

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.22
رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى بىلەن خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كرىزىسىغا قويۇلغان قوش ئۆلچەم (1) 2021-يىلى 23-ئىيۇن ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش نامايىشى
AFP

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شۇنچە كۆپ نامايىش ۋە قارشىلىقلارغا قارىماي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول قويغانىدى؛ ھالبۇكى بۇ تەشكىلات رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن رۇسىيەنى ئەيىبلەپ، رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنى خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلىنىپ كەلگەچكە، بۇ كومىتېتتىكى ئەمەلدارلار بىردەك ھالدا « خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرەپسىز ئورگان، تەنتەربىيە چوقۇم سىياسەتتىن ئايرىۋېتىلىشى كېرەك» دەپ كەلگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ (Thomas Bach) بېيجىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدە «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى سىياسىي بىتەرەپلىك مەيدانىدا تۇرىدۇ، شۇڭا بىز سىياسىي مەسىلىلەرگە باھا بەرمەيمىز» دېگەن. ئەمما رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئۇلار دەرھال رۇسىيەنى ئەيىبلىگەن، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى ئولىمپىك ئوردېنىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە خەلقئارا تەنتەربىيە ئورگانلىرىنى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە چاقىرغان.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىشخانىسى مەزكۇر كومىتېتنىڭ نېمىشقا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئەۋەتكەن سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باخنىڭ 11-مارت كۈنى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان خېتىنى يوللىدى ۋە ئۇنىڭدىن جاۋاب ئىزدەشنى تەۋسىيە قىلدى. توماس باخنىڭ «تىنچلىققا پۇرسەت بېرىڭلار» ناملىق بۇ مەكتۇپىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپىنىڭ تىنچلىق ئىكەنلىكى، رۇسىيەنىڭ بۇ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغانلىقى، شۇڭا رۇسىيەنى خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:« بىز تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش سىياسىي بىتەرەپلىك تەلەپ قىلىدىغان ئولىمپىك نىزامنامىسىگە خىلاپ دەيدىغان پۇچەك تالاش-تارتىشلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشەپ قالمايمىز. كىم سىياسىي ۋە ھەتتا ھەربىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئولىمپىك كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىنى سىياسىي جەھەتتىن ئەيبلىمەسلىك كېرەك دەيدىغان ئىش يوق».

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىدىكى ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرس سىمىت (Chris Smith): «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رۇسىيەنى تېزدىن چەكلىشى توغرا بىر قەدەم بولسىمۇ، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىن چەكلىمەسلىكى ئۇچىغا چىققان ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر. بۇ تەشكىلات ئەخلاق جەھەتتىن تۈگەشكەن بىر تەشكىلات بولۇپ، قىلغان ئىشلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رېچاردسون خانىم: «مەنچە، بۇ تەشكىلات مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئۆز پرىنسىپىنى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى رەئىسى شى جىنپىڭدەك دىكتاتورلارنىڭ ئۆز جىنايىتىنى تەنتەربىيە ئارقىلىق ئاقلاشتەك قىلمىشىغا ياردەم بەردى» دېگەن.

سوفىيە رېچاردسون خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، جۈملىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە كۆز يۇمدى. خىتاي بۇ ئىككى قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى، بۇ جىنايەتكە ماسلاشقانلار ياخشى نەپ ئالدى. بەش چەمبەرلىك ئولىمپىك ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلار بەلكىم قۇل ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەزى ئەھۋالدىكى ئىنكاسى كۈلكىلىك، گەپلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى زىددىيەتلەر ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى قوغداش جەھەتتىكى راستچىللىقىغا نۇرغۇن گۇمان تۇغدۇرىدۇ».

ئامېرىكا گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەرىك ئولبېرگ (Mareike Ohlberg) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىش مەسىلىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇش دېگىنى ئاقماس گەپ. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم ئۇكرائىنا كرىزىسىغا قاراتقان باياناتى بۇنى چۈشەندۈرىدۇ. خىتاي ئۇلارنىڭ سىياسەتتە بىتەرەپ تۇرۇش مەيدانىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادا ئۆزىنى كۆرسەتتى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىتاي بىلەن رۇسىيە تەڭلا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇستەبىت يېڭى دۇنيا تەرتىپى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا قوللىنىۋاتقان يېڭى ئۇسۇلىدۇر. ئامېرىكىغا دىققەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئادەمگە ئايانكى، سىياسەتتە بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش زالىملار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى، بۇ مەيدانىنى (خىتايغىمۇ) بۇرۇنراق كۆرسەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى».

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئولىمپېىك كومىتېتىنىڭ بۇ ئىككى كرىزىسقا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى خەتەرنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىنمۇ ئېغىر دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكادىكىRand سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى، دوكتور تىمەسى ھىت ( Timothy R. Heath) بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى خىل مۇئامىلە ئىككى ئىشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئالدى بىلەن، خىتاي باي ھەم كۈچلۈك. رۇسىيە ئۇنداق ئەمەس. خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرى رۇسىيەدىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ ئىككى مەسىلە ئوخشىمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئاساسىي پرىنسىپقا خىلاپ، چۈنكى بۇ بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىشىدۇر. ئەگەر رۇسىيەگە يول قويۇلسا، باشقا دۆلەتلەرمۇ يەنە بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغاپ زور ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلدى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، مال-مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇش كۈچىيىپ، تېخىمۇ زور ئاپەت پەيدا قىلىدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قايتۇرغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ۋەھىشيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى، ئەمما شىنجاڭ يەنىلا خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ. خەلقئارادا بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاس تۆۋەنرەك بولىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جازالاش كېرەك دەيدىغان ئورتاق تونۇش تۆۋەن، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشى ئۇرۇش خەتىرىگە ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈلمىدى».

دوكتور مەرىك ئولبېرگ يەنە رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بەلكى رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتايغىمۇ جازا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر قەدەمنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش لىنىيەسى قانۇنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ جىنايەتكە ئورتاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. خىتايدا كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كۆپىنچىلەر دەۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ».

ئۆتكەن يىل 12-ئايدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى «كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان» دەپ ئەيىبلەش قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتۈپ، كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغانىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاز ساندىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، مۇسابىقىدىن ئاۋۋال ياكى مۇسابىقە جەريانىدا ئۇنداق قىلالمىغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، كۆپلىگەن تەنتەربىيە ئورگانلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، رۇسىيە پۇتبول كوماندىسىنى خەلقئارا مۇسابىقىسىدىن چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بۇ خىل قوش ئۆلچەم ۋىجدانلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا بوستون كوماندىسىنىڭ سابىق توپچىسى ئەنەس كانتەر 8-مارت كۈنى تىۋىتتېردا ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ((NBAنىڭ ئۇكرائىناغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتايغا داۋاملىق سەل قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەنگلىيە ئارسېنال پۇتبول كوماندىسى توپچىسى مەسئۇت ئۆزىلمۇ 2020-يىل 8-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئەيىبلىمىگەن ئارسېنال كۇلۇبىنى تەنقىدلىگەنىدى، ئەينى چاغدا «سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز» دېگەن بۇ كۇلۇب بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ماسلىشىپ، رۇسىيە پۇتبول كوماندىسىنى يەكلەش ھەم چەكلەش سېپىگە قېتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.