قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.09.06
قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىم ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Sawutjan Qasim teminligen

ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلىپ، بىر يىل ياكى ئىككى يىلدىن كېيىن كېسىۋېتىلگەن تۇتقۇنلار ئارىسىدا كەسپىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇۋاتقان مېدىتسىنا خادىملىرىمۇ ئاز ئەمەس. بۇلاردىن بىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك 2‏-دوختۇرخانا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىمدۇر. ئىنكاس قىلىنىشىچە، بۇ يىل 45 ياش ئەتراپىدا بولغان سايىتاجى قاسىم 2017-يىلى 9-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىم ئەپەندى ئوپېراتسىيە ئۈستىدە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

1996‏-يىلى شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن سايىتاجى قاسىم، يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە ئىشقا چۈشكەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي سۈيدۈك يولى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىدە ئۇستا ۋراچ دوختۇر بولۇپ كۆزگە كۆرۈنگەن. سايىتاجىنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنىسى ساۋۇتجاننىڭ بايان قىلىشىچە، سايىتاجى قاسىم، 2017-يىلى ئۇشتۇمتۇت ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان ۋە 2-دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى بىر ساقچىخانىدا بىر كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان. بىرىنچى قېتىملىق سوراقتىن ئامان چىققان سايىتاجى قاسىم، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرتىلغاندىن كېيىن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

بىز سايىتاجى قاسىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. بىز بىرقاتار ئېنىقلاشلاردىن كېيىن قەشقەر ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ سايىتاجى قاسىم ئىشلىگەن سۈيدۈك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىغا ئېرىشتۇق. بۇ بۆلۈمدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خادىم، بۆلۈمدە خىزمەت قىلغان سايىتاجى قاسىم ئىسىملىك بىر دوختۇرنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم، سايىتاجى قاسىمنىڭ نۆۋەتتە بۇ دوختۇرخانىدا ئەمەس ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سايىتاجى قاسىمنىڭ قىسىمىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ساۋۇتجاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئاكىسى سايىتاجى كەسپىگە ئۆزىنى ئاتىغان ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ، ئۇ ھەپتە ئىچىلىرى ئۆزى مەنسۇپ دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلسا، ھەپتە ئاخىرلىرى قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيە دوختۇرخانىلاردىكى نازۇك ئوپېراتسىيەلەرگە قاتناشقان ۋە ياكى يېتەكچىلىك قىلغان. ھەپتىنىڭ 7 كۈنىنى خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزسىمۇ، نامرات ۋە چارىسىز خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇۋاتقىنى ئۈچۈن، قىلچىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان، ئەكسىنچە ئېلىۋاتقان مىننەتدارلىق دۇئالىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ ھۇزۇر ئىچىدە ياشاۋاتقانىكەن. شۇڭا ئاكىسىغا بىر جىنايەتنىڭ ئارتىلىشنى ئېھتىمالدىن ئۇزاق دەپ قارىغان ساۋۇتجان، ئۆزى 2017-يىلنىڭ ئاخىرى قەشقەردىن ئايرىلىپ ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى بەك سۈرۈشتە قىلىپ كەتمىگەن. ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن ئۇمۇ ئاكىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. كېيىنچە ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش بىلىشلىرىنىڭ ھېچقايسى بىلەن ئالاقە باغلىيالمىغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى لاگېرغا يىغىۋالغان كىشىلەرنىڭ زور بىر قىسمى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىپ، تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن ۋە ياكى لاگېرنىڭ نامىنى تۈرمىگە ئۆزگەرتكەن. سايىتاجى قاسىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئەڭ دەسلەپ تىزىمغا ئالغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى، سايىتاجى ھەققىدە 4 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايۋاتقانلىقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى، كېسىلگەندىمۇ ئېغىر بىر جىنايەت ئارتىلىپ كېسىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بىز بۇ پەرەزلەرگە ئاساسەن قەشقەردىكى سوت ۋە تەپتىش ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. قەشقەر شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر بۆلۈم باشلىقى، دەسلەپتە سوئاللىرىمىزغا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، سايىتاجى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئۇ ئارقىدىن، بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار بىر خادىمنى، سايىتاجى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇدى. بۆلۈم باشلىقىنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئالغان بۇ خادىم، سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ھۆكۈمنىڭ قاچان چىققانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بۇ خادىم، ھۆكۈمدىن ئۆزىنىڭ تېخى بىر ئاي بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە سايىتاجى قاسىمنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئارتۇق مەلۇمات بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.

يۇقىرىدا، قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ ۋراچ دوختۇرى سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.