شاڭخەي كوچىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر يىگىتى ۋە خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.05.18
شاڭخەي كوچىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر يىگىتى ۋە خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك قاتتىق قامال قىلىنغان شاڭخەيدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى. 2022-يىلى ماي.
Social Media

يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر سىن فىلىمىدە كورونا ۋىروسى يۇقۇمى سەۋەبلىك قاتتىق قامال قىلىنغان شاڭخەيدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلىنىپ، دىققەت قوزغىدى. فىلىمدىكى دىيالوگلاردىن بۇ يىگىتنىڭ شاڭخەيگە ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلىكى، ئەسلى يۇرتىنىڭ قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

سىن فىلىمدە بۇ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كوچىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىگە دىققەت قىلغان بىر خىتاي ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگەن. يىگىت خىتايغا ئۆزىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلىكىنىنى ئېيتقان.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت خانىم، ئۇيغۇرلار توغرىلىق خىتايدا تارقالغان سىن فىلىملىرىنى خىتاي تور مەنبەلىرىدىن ئېلىپ فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللاپ كەلمەكتە.

زۇمرەت خانىم فىلىمدىكى بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت خانىم يەنە خىتاينىڭ تىك-توك مۇنبىرىدە باشقىمۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بارلىقىنى، شاڭخەيدىكى قامال مەزگىلىدە ئاچ قالغان ئۇيغۇرلار توغرىلىق نەق مەيداندىن سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي كوچىلىرىدا بايقالغان بۇ ئۇيغۇر يىگىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ سىن فىلىمى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇچراۋاتقان ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان قامالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى خىتاي پۇقرالىرى ئۇچراۋاتقان تەقىپلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر دېيىشكە بولىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» قاتارلىق زۇلۇملار، غەرب ئەللىرىنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان «ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى قامال» دا ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلار يەنىلا ئىنتايىن ئاز ۋە يېتەرسىز ئىكەن.

ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددى دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شەھەرلەردە يولغا قويغان «يۇقۇم قامالى» ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، پۇقرالارنى بۇ خىل مەجبۇرىي قامال قىلىشىنىڭ ئارقىسىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ غەرىزى يوشۇرۇنغان ئىكەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتايدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ يۈرگۈزۈلىۋاتقان قامالدا، پۇقرالار مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىش، ئۆلۈۋېلىش، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈشتەك پاجىئەلەرگە يولۇقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىكى قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى گەرچە كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەدەنىيىتىدە تارىخىتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى قۇلچىلىق ئىدىيەسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ روھىيىتىدە ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.